①Si你La→爱♥爱情✘停着
كېتىدىغىنىڭنى بىلىمەن
كېتىسەن ھامان
قۇياش ئولتۇرۇپ
، زېمىننى قاراڭغۇلۇق باسقاندەك
... ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇقۇم بىلەن قالىمەن
كېتىدىغىنىڭنى بىلىمەن
، توزۇمايدىغان گۈللەر بولمىغىنىدەك
بەختىمنىڭ سەندە توزۇيدىغىنى ئېنىق
پەقەت يالىڭاچلانغان روھىم بىلەن قالىمەن
كېتىدىغىنىڭنى بىلىمەن
ھەرقانداق يولنىڭ ئاخىرلىشىدىغان يېرى بولغىنىدەك
، يولىمىز ئاياغلىشىدۇ
، يالغۇز قالىمەن
، سۆيگۈمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدە
، كۈنلۈكۈمنى تۇتقانچە
... جۇدالىق يامغۇرلىرى ئىچىدە
سەن كەلگەن ھەم كەتكەن يولغا نەزەر سالىمەن
كەچ كۈزدە قارلىغاچلار جەنۇپقا كۆچۈپ كەتكەندەك
قەلبىمدىكى ئۇۋاڭ بوش قالىدۇ
! ياق
بوش ئەمەس
تۈگىمەس ھەسرەت ۋە ئەسلىمىلەرگە لىق تولىدۇ
كېتىدىغىنىڭنى بىلىمەن
، بارماقلىرىمنىڭ قايسى ئۇزۇن
... قايسى قىسقىلىقىنى ئېنىق بىلگەندەك
ئەمما
بىلمەيمەن
قاچانلاردا
... نىمەسەۋەپتىن كەلگىنىڭنى