suygu uqunyaxayman
بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق موتوسىكلىتنى ئۇچقاندەك ھەيدىگىنىچە چوڭ كوچىدا كېتىۋاتاتتى
قىز: ئاستىراق ھەيدەڭ، قورقىدىكەنمەن.
يىگىت: مۇشۇنداق ھەيدىسە خۇماردىن چىقىدۇ، بەك .
قىز: يەنىلا ئاستىلىتىڭچۇ، مەن قورقىدىكەنمەن.
يىگىت: ئۇنداق بولسا سىزنى سۆيىمەن دەڭ.
قىز: ماقۇل، سىزنى سۆيىمەن. ئەمدىغۇ ئاستىلىتارسىز؟
يىگىت: ئەمدى مېنى بىر قۇچاقلاپ قويۇڭ بولامدۇ؟
قىز: بولىدۇ، ئەمدىغۇ ئاستىلاتسىڭىز بولار؟
يىگىت: بېشىمدىكى قالپاقنى ئېلىپ كىيىۋېلىڭ، مەن يولنى كۆرەلمەيۋاتىمەن.
ئىشنىڭ ھەقىقىتى بولسا مۇنداق:
ئەسلى موتوسىكلىتنىڭ تورمۇزى كاردىن چىققان. يىگىت بۇ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن، قىزنىڭ ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمىغان ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم «سىزنى سۆيىمەن» دەڭ دېگەن، ئاندىن ئۆزىنى قۇچاقلاپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن. ئارقىدىن بېشىدىكى قالپىقىنى قىزغا كەيدۈرۈپ، ھاياتلىق ئۈمىدىنى قىزغا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئۆلۈم يولىنى تاللىغان. موتوتسىكىلىت ئىمارەتكە سوقۇلۇپ، يىگىت نەق مەيداندا ئۆلگەن، قىز ھايات قالغان.